ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: خىتاي غەرب دۆلەتلىرى ياكى رۇسىيەدىن بىرنى تاللىشى كېرەك

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە پەيشەنبە كۈنى (16-ماي) بېيجىڭغا زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ 16-ماي كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن خىتاينىڭ نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يېنىدا ياكى رۇسىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر خىتاي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سېلىۋاتقان رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك؛ بۇ ئامېرىكانىڭلا مەيدانى بولۇپ قالماستىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو ۋە ‹7 دۆلەت گۇرۇھى› نىڭ ئورتاق مەيدانىدۇر» دېگەن.

پۇتىننىڭ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى، ئۇ 5-قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۇنجى دۆلەت زىيارىتى بولۇپ، ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى 3-يىلىغا قەدەم قويغان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا رۇسىيەگە داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئامېرىكا باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ياردەم بەرمىسە، رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا غايەت زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھېچقانداق دۆلەت پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىغا ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك. بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئېلىپ بارغان خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە كۆز يۇمالمايمىز ھەمدە بۇ ئۇرۇشقا جاۋابكار بولغانلاردىن ھېساب سورايمىز».

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پۇتىننىڭ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. يەنى ھازىر خىتاي-رۇسىيە رەزىللىك ئىتتىپاقى ئاللىقاچان شەكىللەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بۇ ئىتتىپاقنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى» نى تونۇپ يېتىپ، ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش جازا قوللىنىشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا، ئۇلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ خەتەرلىك كۈچكە ئايلىنىدىكەن.