شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) تەرىپىدىن تېخى يېقىندىلا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ «ھەل قىلغۇ قوزغاتقۇچىسى» دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاي، رۇسىيە بىلەن 14-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر پورتتا ئورتاق دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى قىسقىچە باياناتىدا، ئىككى تەرەپتىن يېقىندىن بېرى غەربىي ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى، لېكىن بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى ھەم ئۇنىڭ 3-بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە، 14-ئىيۇل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە باشلىنىدىغان مانېۋىر، ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش، يەر شارى، رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلىقى، مانېۋىرنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، دېڭىز ھۇجۇمى، ھاۋا مۇداپىئە مەشىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر مانېۋىرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتتىق جىددىيلەشكەن، NATO نىڭ ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىكى «ھەل قىلغۇچ قوزغاتقۇچى» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلۈشى، دىققەت قوزغىماقتا NATO نىڭ ۋاشىنگتون ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى، NATO نىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىكى ئەزا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاسىيادىكى شېرىكلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئاسىيادىكى قوللىغۇچىلىرىدىن، بولۇپمۇ خىتايدىن كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىدىكى ئورتاق نۇقتىسى بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ھالبۇكى، خىتاي NATO نىڭ ئاسىياغا ئوخشاشلا «مالىمانچىلىق» ئېلىپ كەلمەسلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا «ئادىل» ۋە «ئوبيېكتىپ» مەيداندا تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ جېنجاڭ شەھىرىدە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خەرىتىدە ھەربىي تاكتىكىلىق ماسلاشتۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.