«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوممان دېڭىز قولتۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى ۋە مەنپەئەت خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 2019-يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 3-قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدىكەن، خىتاي بۇ مانېۋىرغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ھۇجۇمچى كېمىىسىنى قاتناشتۇرغان.
خىتاي خېلىدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە كۈچ كۆرسىتىشنى پىلانلاپ يۈرگەن بولۇپ، 2021-يىل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر پورتتا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان؛ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن خىتاي بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.
خىتاي تەرەپ بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا يەتتە يىل داۋاملاشقان دىپلوماتىك كرىزىسنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقانلىقىنى داۋراڭ قىلىشقا باشلىغانىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىغا ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدىكەن، ئامېرىكا بۇ رايوندىن بىر ئاز چېكىنىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن پەيتتە، خىتاينىڭ بۇ رايوندا دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى بۇراش، كۈچىنى پارچىلاش رولىنى ئوينايدىكەن.