خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 9 - ئايدا رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە جەنۇبى دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ئۇچۇرنى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، يەنى 27 - ئىيۇل كۈنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29 - ئىيۇلدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھازىرغىچە 9 - ئايدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىر ھەققىدە ھېچقانداق ئۆز قارىشىنى بىلدۈرمىگەن.
رۇسىيەنىڭ «خەۋەرلەر» ئاگېنتلىقى،«لېنتا»، «ۋېستى» تورلىرى ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر ھەققىدىكى باياناتى ئاساسىدا خەۋەر بەرگەن بولۇپ، رۇسىيە تەرەپنىڭ پىكرى ئوتتۇرىغا چىقمىغان.
رۇسىيە ئانالىزچىسى ئانتون مارداسوفنىڭ 30 - ئىيۇل كۈنى «ئەركىن مەتبۇئات»تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قايسى جايىدا بولىدىغانلىقىغا ئائىت كونكرېت ئورۇننى ئېيتمىغان.
ئىلگىرى رۇسىيە دېڭىز كۈچلىرى مۇئاۋىن ئادمىرالى ۋىكتور كوچېمازوۋ «دېڭىزدىكى ئۆزئارا ھەرىكەت - 2016 -» دەپ ئاتالغان مانېۋىرغا رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ كەم دېگەندە تۆت پاراخوت ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
12 - ئىيۇل كۈنى گائاگادىكى خەلقئارا سوت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى ئاراللارغا قارىتا تارىخى ئىگىلىك ھوقۇقى يوقلۇقىنى قارار قىلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ ئاراللارغا بولغان تالاش - تارتىشتا تەرەپ تۇتمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھېچقايسى تەرەپنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاي دېڭىز كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى 2012 - يىلىدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، 2013 - يىلى ياپون دېڭىزدا، 2014 - يىلى، شەرقىي خىتاي دېڭىزنىڭ شىمالىدا، 2015 - يىلى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ۋە ياپون دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.