خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن رۇسىيەدىنمۇ زور خەۋپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

يېقىندىن بۇيان رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ۋە جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن رۇسىيەدىنمۇ ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق خەۋپ ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. «بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇل سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئەنە شۇ نۇقتىلار مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قانداق قول تىققانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە زور بولغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن مۇستەسنا بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكا جامائىتىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا بولۇشى ئەمەلىيەتتە خىتاي جاسۇسلىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. چۈنكى بۇنىڭ ئاددىي مىسالى سۈپىتىدە 2015-يىلى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدىن 14 مىليوندىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلاپ كېتىشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىدا يەنە نۆۋەتتە مۇشۇ جاراھەتنىڭ يارىسى تېخى ساقايماي تۇرۇپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كالىفورنىيەدە جاسۇسلۇق تورى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئېيتىلىشىچە، كالىفورنىيە شتاتى ھازىر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان رايون ئىكەن. بۇ رايون ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىسىدا ھەرقاچان مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستىخبارات ھەرىكىتى زور كۆلەمدە داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ رايوندا مەخسۇس خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن ئالاھىدە ئەترەت بولۇپ، مەخسۇس ئىستىخبارات ۋە «تەسىر كۆرسىتىش» پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا شەھەر باشلىقى، شتات باشلىقى ياكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بولۇپ قالغۇسى كىشىلەرنى نىشان قىلغان «تەسىر كۆرسىتىش» ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلى ئولىمپىك مەشئىلى سان فرانسىسكو شەھىرىدىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا سېلىپ قويغان. «دۈشمەن كۈچلەر» گە قارشى نامايىش سېپىگە تىزىلغان بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىغىچە ئېلىپ بەرگەن.

ماقالە ئاپتورى مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى لازىم!» دەپ خىتاب قىلىدۇ.