خىتاينىڭ رۇسىيەگە يوشۇرۇنچە ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىلمىگەنىدى. يېقىندا بەش بۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) نىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاشكارا بولۇپ كەتكەن بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنى مۇھىم ھەربىي ياردەملەر بىلەن بىۋاسىتە تەمىن ئەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى فېۋرالدىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يوشۇرۇن رەۋىشتە رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەدىن ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ياردەملەرنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا 346-ئالاھىدە قىسىم بىرىگادىسى دىكى 900 جەڭچىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرغاندا 125 كە چۈشۈپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما دەل شۇ فېۋرال مەزگىلىدە خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ «دۆلىتىمىز ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى ھېچقايسى تەرەپنى ھەربىي قورال-ياراغ بىلەن تەمىن ئەتمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپىمىز» دەپ جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى مارتتا شى جىنپىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى مەخپىي ھۆججەتلەر بولسا شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان «چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.