خىتاي ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رۇسىيەنى تىك ئۇچار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئوپتىكىلىق كۆرۈش دۇربۇنى ۋە باشقا ھالقىلىق ھەربىي خام ئەشيالار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى، ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىتەرەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، رۇسىيەنى ھەربىي قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. لېكىن ئەنگلىيە «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ھەربىي قورال-ياراغ كارخانىلىرىغا نەچچە ئون مىڭ قېتىملاپ مال يۆتكىگەن.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ رۇسىيەنى بۇ لاۋازىماتلار بىلەن تەمىنلىشى، غەربنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنمەكتە. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا 200 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، يېڭى رېكورت ياراتقان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ياردىمى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقى، خىتاينىڭ «شەنتو خوڭخۇ پىلاستىك» ناملىق ئويۇنچۇقلارنى توپ سېتىش شىركىتىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىككى ئاي ئاۋۋال رۇسىيەنىڭ بىر شىركىتىگە مىڭ دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (درون) ساتقانلىقى، ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ياردىمى تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ Hems999 ناملىق تىك ئۇچار ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بىلەن تيەنجىن خۇاروڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى رۇسىيەگە تىك ئۇچار ئايروپىلانى يوللىغان.
دوكلاتتا يەنە 50 تىن ئارتۇق رۇسىيە شىركىتىنىڭ خىتاي ئوپتىكىلىق كۆرۈش دۇربۇنلىرىنى سېتىۋالغانلىقى، ئەسۋابلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «يىۋۇ ۋوجيې ئوپتىكىلىق ئەسۋابلار شىركىتى» تەرىپىدىن «ئوۋچىلىق ئەسۋابلىرى» دېگەن نامدا سېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئىلگىرى خىتاينى رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىمەسلىك ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇ رۇسىيەنى ھەربىي قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىسە، ئۇنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.
