خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە چېگرا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك رۇسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ۋە ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىنى تەنقىدلەشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن خىتاينىڭ چېگرادا بولغان بىر ۋەقە سەۋەبلىك رۇسىيەنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشى بىنورمال ئەھۋال ئىكەن.
خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 4-ئاۋغۇست خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «ئۈندىدار» ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەش نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ رەت قىلىنىشىنى «رەھىمسىز ۋە قانۇننى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا بۇ ۋەقە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە جىددىي زىيان سالغانلىق» بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە 29-ئىيۇل كۈنى رۇسىيەگە كىرمەكچى بولغان خىتاي پۇقرالىرىنى چېگرادا توسۇپ قېلىپ، تۆت سائەتتەك سوراق قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىزىسى بىكار قىلىنىپ، رۇسىيەگە كىرىشى رەت قىلىنغان. خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرغان نازۇك بىر ۋاقىتتا تۇيۇقسىز رۇسىيەنى ئەيىبلىشى، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.
«سىياسىيون» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بېيجىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال كۈنى رۇسىيە ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال موسكۋا بىلەن بولغان «شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چەكسىز» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. كىرىمېل سارىيىنىڭ بىر قانچە ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي شۇلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.
خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 40 تەك دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنى ھارپىسىدا رۇسىيەنى ئەيىبلىشى دىققەت قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە تەكلىپ قىلىنمىغان. «سىياسىيون» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش يولىدىكى ھەرقانداق تىنچلىق كېلىشىمى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ب د ت نىزامنامىسىنى ئاساس قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
