خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى دېكابىردا 2014- يىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.
خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دېكابىردىكى خام ئەشيا سېتىلىش كۆرسەتكۈچى نويابىردىكى 50.3 پوئىنتتىن 50.1 پوئىنتقا تۆۋەنلىگەن.
ھالبۇكى، ئەنگلىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى HSBC يەنى «خۇي فېڭ» بانكىسى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا، خىتاي سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ نويابىردىكى 50 پوئىنتتىن تۆۋەنلەپ دېكابىردا 49.6 پوئىنتقا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خام ئەشيا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ سان 50 پوئىنتتىن تۆۋەنلىسە، ئۇ، شۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: ئۆسۈش يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئەمەس، دېگەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.