2017-يىلى باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 31-دېكابىر كۈنى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ھەم ھەر قايسى ساھەدىن تەشكىللەنگەن مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى بىرلىشىپ،»»ئۈرۈمچىدە مەخسۇس «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى»ئۆتكۈزگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىگە جايلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچى قىبلىتاغدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىق بازىسى»دا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قەسەمياد مۇراسىمىغا 2000 ئەتراپىدا قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەر-ئوفىتسېرى ۋە 1000 دىن ئارتۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئالاھىدە ساقچىسى تولۇق قوراللانغان ھالدا قاتناشقان بولۇپ، يىغىن مەيدانىغا يەنە برونېۋىك، ھەر خىل تىپتىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئاپتوموبىللىرى ۋە باشقىلار كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر قوراللىق ساقچى ۋە ئامانلىق ساقچى ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ مەخسۇس بۇيرۇق بېرىشى ئاستىدا قەسەمياد مۇراسىم پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، مۇراسىمغا چەن چۈئەنگو، ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر، سىياسىي كېڭەش رەئىسى نۇرلان ئابدۇمەنجىن ۋە باشقا خىتاي رەھبىرى شەخسلەر ئىشتىراك قىلغان.
شۇ كۈنكى قەسەمياد مۇراسىمىغا قاتناشقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا ۋە نۇقتىلىق جايلاردا چارلاش ئېلىپ بارغان.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قەسەم بېرىش مۇراسىمى شۇنىڭدەك تولۇق قوراللانغان ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق جايلىرىدا چارلاش ئېلىپ بېرىشى،ئۇلارنىڭ 28-دېكابىر كۈنى قاراقاش ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىش مانېۋىرى ھېسابلىنىدىكەن.