بۈگۈن خىتايچە كۆزىتىش ناملىق بىر خەۋەر تورىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇخلاۋاتقان سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى.
ئەسلى خەۋەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىغا مەدھىيە ئوقۇلغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرەتلەردىن ئىپادىلەنگەن ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىز پوزىتسىيىسى ۋە پاسسىپ كەيپىياتى خەۋەرنى كۆرگۈچى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
سۈرەتتە تامغا يۆلۈنۈپ ئۇخلاۋاتقان 10 نەچچە ساقچىنىڭ قولىدا «توپىلاڭغا قارشى تۇرۇش» دەپ خەت يېزىلغان قالقانلار تۇتۇلغان، كوچا ئوتتۇرىسىدا توپلىشىپ يەردە ياتقان ساقچىلارنىڭ ئۈستى-بېشى تولىمۇ ئاۋارە قىياپەتتە بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا بەزى كۆرۈرمەنلەر ھېسداشلىق پوزىتسىيىسى بىلدۈرگەن؛ يەنە بەزىلەر بولسا بۇ كۆرۈنۈشتە ساقچىلارغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ يوقلۇقى، بوشاڭلىقى تەنقىد قىلغان.
بۇ سۈرەتلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئۇچقۇنجان ئەپەندى، سۈرەتلەرگە ئاساسەن دائىرىلەرنىڭ رايوندا ۋەزىيەت ئېھتىياجىدىن ئارتۇق كۈچ قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رايوندىكى يېقىنقى ۋەقەلەردىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۆز بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ ساندا ساقچىلارنى 24 سائەت نۆۋەتتە تۇرۇشقا قىستىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.