يەرلىك خىتاي ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساپلىرىنى تەقىپ قىلىدىغانلىقى ئاشكارلاندى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساپلىرىنى تەقىپ قىلىدىغانلىقى ئاشكارلاندى. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىنى تەقىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە ئىكەن. CNN نىڭ خەۋىرىدە شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلىما نۇرىللاھ ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇھاجىرى دۇچ كەلگەن ۋەقە ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئومۇمىي ھادىسە ئىچىدىكى تىپىك بىر مىسال ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەلىما نۇرۇللاھ 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن غۇلجادىكى نەۋرە ھەدىسى ماھىرە ياقۇپنىڭ خەۋىرىنى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن غۇلجادىكى ساقچىلارنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئاتا-ئانىسى ساقچىلارنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ماھىرە ياقۇپ ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىغا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ يىل 9-ئاينىڭ باشلىرىدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر كۈندىن كېيىن قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

ئەلىما نۇرۇللاھنىڭ CNN گە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەر قېتىم تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللىسا غۇلجادىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئىزدەيدىكەن. بىراق ئۇ تىۋىتتېرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىردىن-بىر تەقىپ قىلىش ئۇسۇلى ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ پاسپورتى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئادرېسىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيەدىكى نوتتىنخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس رايىن سامنىڭ تەكىتلىشىچە، تىۋىتتېر خىتايدا ئېچىلمىسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىۋىتتېرنى تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.