ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ھاۋالە قىلغان خىزمەتنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلگەن. مەزكۇر ئىدارە ھازىرلىغان دوكلاتتا خىتاي ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ باشقىلارغا سۇيىقەست پىلانلاش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا «دۆلەت ئوبزورى» تورى 4-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە كۆرە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) بۇ دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ پارتىيەگە قارشى ئادەملەرنىڭ ئىزىغا چۈشۈش، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى ‹دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش› دەپ قارايدۇ. كۆپلىگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ نەزىرىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى بەئەينى قارا گۇرۇھنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىمىز ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ نومۇسسىز قىلمىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنى بولغان «قوغدىغۇچىلار» (Safeguard Defender) تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئامېرىكادا ئاز دېگەندە ئۈچ يەردە ئاممىۋى تەشكىلات نامىدا ساقچى ئورگىنى قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ساقچى ئورگىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى قىلمىشلىرى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.