ئامېرىكا خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى «مەخپىي ساقچىخانىسى» نى باشقۇرغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىككى خىتاينى قولغا ئالدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 17-ئاپرېل نيۇ-يورك شەھىرىدە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى «ساقچى پونكىتى» باشقۇرغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىككى خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرى بۇ ئىككى خىتاينى نيو-يوركنىڭ مانخاتون رايونىدىكى «خىتاي شەھەرچىسى» رايونىدا «مەخپىي ساقچى پونكىتى» قۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا «قوغدىغۇچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەخپىي ساقچى پونكىتى قۇرۇپ، شۇ ئەللەردە تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىشىدىن كېيىن، بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىغا قارىتا قانۇنى تەدبىر قوللانغان تۇنجى دۆلەت بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى چەتئەل «ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاي مۇھاجىرلىرىغا خىزمەت قىلىدىغان «ساقچى مۇلازىمەت مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، نيۇ-يوركنىڭ برونىكس رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق لۈ جيەنۋاڭ بىلەن مانخاتون رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن جىنپىڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاينىڭ بىرلىشىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكادا تۇنجى «ساقچى پونكىتى» قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككىيلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ، ئۆتكەن يىلى كۈزدە بۇ ساقچى پونكىتىنى تاقىۋەتكەن. نيۇ-يوركتىكى بروكلىن رايونىنىڭ باش تەپتىشى برېئون پېس: «بۇ ئەيىبلەش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نيۇ-يورك شەھەر مەركىزىدە ساقچى پونكىتى قۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. «قوغدىغۇچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىنىڭ سانى ئاز دېگەندە 100 يېتىپ، دۇنيادىكى 53 دۆلەتكە تارقالغانىكەن. ئىلگىرى خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىمۇ ساقچى پونكىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغانىدى.