ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى ئەنگلىيەدىكى «ساقچى پونكىتلىرى» نى تاقاشقا بۇيرۇدى

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلا ۋازارىتى خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا يازما ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان ھەمدە «ئەنگلىيە تۇپرىقىدىكى ھەرقانداق شەكىل ئالغان ساقچى پونكىتىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى تېزدىن تاقاش لازىملىقىنى» بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى توم تۇگېندات (Tom Tugendhat) ئالدىنقى كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈردۇق. ئەمما بۇ پونكىتلارنىڭ ھازىرچە خىتاي ئۈچۈن بىرەر قانۇنسىز ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئەمما بۇ پونكىتلار بىزنىڭ ئىجازىتىمىز بولمىغان ئەھۋالدا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك تەھدىتكە ئايلىنىپ قالغان» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاپرېلدا خىتاي سودىگەر لىن رۈييو لوندوندا تاماق توشۇش شىركىتى قۇرغان بولۇپ، كېيىن بۇ شىركەتنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى پاش بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ بۇنى «پۈتۈنلەي تۆھمەت» دەپ تۇرۇۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيە تەۋەسىدە كۆپلەپ بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە يېقىندىن بۇيان خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان كۆزىتىش كامېرالىرىنى سۆكۈپ تاشلاش كەڭ قوللىنىلىشقا باشلىغان. «سىياسىيون» (Politico) گېزىتىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈندىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئىش بىناسى تەۋەسىدىكى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق كۆزىتىش كامېرالىرىنى سۆكۈپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئەنگلىيەدىكى كۆپلىگەن داڭلىق سودا سارايلىرىمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان كۆزىتىش كامېرالىرىنى سۆكۈپ ئېلىۋەتكەن.