خىتاي ساقچىلىرى مەمەت توختىغا تەھدىت سالغان

كانادانىڭ «يەر شارى خەۋەرلىرى» تورى 5-ئاپرېل كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، كانادادىكى جامائەت ئەربابى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسى مەمەت توختىنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تەھدىت ۋە بېسىمغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى مەمەت توختى ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، «ئاناڭ ئۆلدى، ئىككى قىز قېرىندىشىڭ ئۆلدى، ئاكا-ئىنىلىرىڭ يوقاپ كەتتى، تاغاڭ دوختۇرخانىدا ياتىدۇ. . .» دەپ تەھدىت سالغان؛ بۇ ئارقىلىق مەمەت توختىغا «ئەگەر قىلىۋاتقان سىياسىي پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرساڭ، يەنە بىر نەۋرە ئىنىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى بەرگەن.

مەمەت توختى ئەپەندى 2016-يىلدىن باشلاپ ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان، ئارقىدىن كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن قوشۇلۇپ 37 قېرىندىشى يوقاپ كەتكەن.

بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچراپ كېلىۋاتقانلار بولۇپ، خىتاي ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ياكى گۆرۈگە ئېلىۋالغان. كانادادا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ۋەتەندە قالغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرەپ، نامايىشقىمۇ چىقالمىغان. مانا بۇلار خىتاينىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چوڭ قورقۇنچ سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.