خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» 19-ئىيۇندا «شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) خادىملىرى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەرنى كۆپلەپ تارقاتقان. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن فوتو سۈرەتلەرنى ئېلان قىلىپ «شادىمانلىق ئىچىدىكى قۇربان ھېيت تەنتەنىسى» نى نامايان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ماناس، چاقىلىق، كېرىيە، گۇچۇڭ، يوپۇرغا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە تاماق ئېتىپ يېگەن؛ شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق شادلىق ئىچىدە ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن. ئەمما ئۆيلەرگە لىق تولغان ساقچى فورمىسىدىكى خادىملار، تاملارنى بىر ئالغان خىتايچە مەسنەۋىلەر، ھېيتلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش دوستلۇق پائالىيىتى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېيت شادلىقى» دېگەنلەر بۇنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي تەشۋىقاتنى كۆزلىگەن پائالىيەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى خىتاي ساقچىلار بىلەن تولدۇرۇشنىڭ ئۆزى «ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى ئادەتلەرگە قارشى قىلمىشلارغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق» دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشتا ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ شادىمانلىق ئىچىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشى» بولۇپ، توختىماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما «كودا ھېكايىلىرى» تورى ئالدىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن ئوبزورلار ئۇيغۇرلارنىڭ نەيزىلىك مىلتىق سايىسىدە ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىلدىكى شەكلەن «شادىمانلىق» نىڭ ئارقىسىغا غايەت زور دەرد-ئەلەمنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.