خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا كىملىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى مەلۇم


خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا كىملىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى مەلۇم. نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 6 - فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇ - يورك JF كېننىدي خەلقئارا ئايروپورتى خەت - چەك بۆلۈمى ھەر كۈنى دېگۈدەك خىتايدىن كېلىدىغان ساختا كىملىكلەرنى توسۇپ قالىدىكەن.

بۇلار 2013 - يىلى ئۆكتەبىردىن 2014 - سېنتەبىرگىچە بولغان 11 ئاي ئىچىدە جەمئىي 4 مىڭ 850 ساختا كىملىكىنى توسۇپ قالغان. ھالبۇكى يەنە بايقالماي ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرگەن ساختا كىملىكلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، چىكاگو ئوھارە ئايروپورتى خادىمى برايەن بىل، بۇ ساختا كىملىكلەر رەسىم رامكىسى، چەينەك قاتارلىق ئادەتتىكى بۇيۇملار ئارىسىغا ئۇستىلىق بىلەن تىقىپ يوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ساختا كىملىكلەرنى كۆپىنچە ھاللاردا قانۇنلۇق ھاراق ئىچىش يېشىغا توشمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇيرۇتىدىكەن.

ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ھاراق ئىچىش يېشى 21 ياش ئەتراپىدا.

ئىللىنويىز شتاتىنىڭ باش كاتىپى جەسسى ۋايت خانىم بۇنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.