خىتاي ساياھەتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ھالقىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان

«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ «1000 كىشىلىك 100 ئۆمەك بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنىڭ 21-ئاپرېل كۈنى باشلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

«شىنجاڭ خىتاي خەلقئارا ساياھەت چەكلىك شىركىتى» ئۇيۇشتۇرغان بۇ ساياھەت ئۆمىكى ئاساسەن ئىچكىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە «باشلىنىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساياھەتنى خىتاي پۇقرالىرىغا ناھايىتى قولايلاشتۇرغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر قۇرۇق پاسپورت بىلەنلا يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 14 كۈن ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ساياھەت خىتاي ساياھەتچىلىكى باش ئىدارىسى تۈزۈپ بەرگەن «شىنجاڭ + ئوتتۇرا ئاسىيا» ساياھەت لىنىيەسىنى ئاساس قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆرۈشى ۋە چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىشنى، شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ بىر يول ساياھەت لىنىيەسى» شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باغلىنىشىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان 10 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ رايوندىكى خەلققە يۇمشاق كۈچ بىلەن تەسىر كۆرسىتىشنى، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇش ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. نۆۋەتتە ساياھەتچىلىكنى بۇنىڭ بىر تۈرىگە ئايلاندۇرغان.

يەنە بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققانلارنى لاگېرلارغا سولىشى ۋە ھازىرغىچە قويۇپ بەرمەسلىكى، خىتاي پۇقرالىرىنى قۇرۇق پاسپورت بىلەن چەت ئەلگە ساياھەتكە يوللىشى مىللىي كەمسىتىش ۋە زۇلۇمنىڭ يەنە بىر تۈرى دەپ قارالغان بولۇپ، تەتقىقاتچى جون ئىرگېنجىرو (John Irgengioro) «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتايلارنىڭ «ئالىي ئىرق» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە «خىتاي دېمەك غەرب ئەللىرىدىكى ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئەتىۋارلىق بولۇش دېمەكتۇر» دېگەندەك ئاشكارا ئىرقچىلىق نەزەرىيەسىگە زېمىن ھازىرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.