رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى بويلىرىدىكى ئاھالىلەر خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىگە قارشى چىقتى

رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر خىتاي پۇقرالىرىنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بايقال كۆلى رايونىنىڭ مۇھىتىنى ئاسرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

يېقىندا رۇسىيەدىكى «بايقال كۆلى» ناملىق فوند جەمئىيەت بىلەن بىر تەھلىل مەركىزى بىرلىكتە بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئىركۇتسك ئوبلاستى ۋە بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسى ئارىسىدا، بولۇپمۇ مەزكۇر جايلاردىكى 26 ئاھالىلەر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئاممىنىڭ رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 79% ئاھالىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرى، سودىگەرلىرى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ بايقال كۆلى رايونىغا كېلىشىدىن خاتىرجەمسىز ئىكەنلىكى، 83% ئاھالىنىڭ بايقال كۆلى رايونىدا خىتايلارنىڭ قانۇنسىز مېھمانخانا ۋە باشقىلارنى ئېچىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، 94% ئاھالىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى بايقال كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇلغىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

59% ئاھالە خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ساياھەتچىلىرىنىڭ بايقال كۆلى رايونىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا بايقال كۆلىگە كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى، ھەتتا خىتاي سودىگەرلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ بايقال كۆلى رايونىدىن يەر سېتىۋېلىۋاتقانلىقى يېزىلماقتا. «كومسومول ھەقىقىتى» ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھەتتا بايقال كۆلى رايونىدىكى لىستىۋىيانكا قاتارلىق جايلاردا خىتاي سودىگەرلىرى يەر سېتىۋېلىپ مېھمانخانىلارنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. ماقالىدە بايقال كۆلىگە كەلگەن بەزى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ «بايقال كۆلىنىڭ 200 يىل ئىلگىرى خىتايغا تەۋە جاي ئىكەنلىكى» نى ئېيتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.