كوممۇنىست خىتاينىڭ غەرب ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان «پۇل ۋە سەتەڭلەر ھىيلىسى» داۋاملاشماقتا

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 10-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە كوممۇنىست خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر شەخس قولغا ئېلىنغان، ئۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر تەتقىقاتچى ئىكەن. بۇ ۋەقەدىن پارلامېنت ئەزالىرى ھەيران قالغان.

ئامېرىكا «قۇياش» تورى بۇ ھەقتە بەرگەن ماقالىسىدە، «بۇ قېتىم تۇتۇلغان خىتاي جاسۇسى گۇماندارى پەقەت مىڭنىڭ ئىچىدىكى بىرى» دېيىلگەن ۋە 2018-يىلدىن بۇيان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدە پائال ھەرىكەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان؛ بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە، فاڭ فاڭ ئىسىملىك بىر خىتاي سەتەڭنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن چاتىقى بارلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى، خىتاي جاسۇسى شۈ يەنجۈننىڭ ئامېرىكادا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا سوتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى بۇ جاسۇس گۇماندارىنىڭ تۇتۇلۇشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ يەنىلا «پۇل ۋە سەتەڭلەر ھىيلىسى» دىن پايدىلىنىپ غەرب ئەمەلدارلىرىنى قىلتاققا دەسسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خىتاي يەنە ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇپ، جاسۇسلىرىنى قويۇۋەتكەن. خىتاي جاسۇسلىرى تەسىرى بار سىياسەتچىلەرنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، خىزمەتچى خادىملار، پىراكتىكانتلارنىمۇ «ئوۋلاش» نىشانى قىلىدىكەن.

«خىتاي سەتەڭلىرى» لىنكدېن (Linkedin) ، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنى «ئوۋلايدىكەن» ؛ ئۇلارنى كەلتۈرۈۋالسا، خىتاي ئۈچۈن قىممىتى بولغان مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىكەن.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) بۇ قېتىم «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» دا خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خىتاينىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.