تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «خىتاي شەھەرچىسى» قۇرۇلماقتا ئىكەن

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاساسلىق پاناھگاھى بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە «خىتاي شەھەرچىسى» مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بۇ شەھەرچىنىڭ ئىستانبۇلدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى بۇرۇن ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدى. تۈركىيەدىكى «ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە سانىنىڭ 24‏-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، «خىتاي شەھەرچىسى» ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى دولاپدەرە مەھەللىسىدە قۇرۇلماقتا ئىكەن.

تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى، بەزى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دولاپدەرە مەھەللىسىدە خىتايلار مەبلەغ سالغان «ئېتىبار»، «بېيجىڭ» دېگەندەك بەزى مېھمانخانىلار ئېچىلغان.

«تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى» غا قاراشلىق تۈركىيە-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى مۇرات كولباشى «ھۆرىيەت» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا دولاپدەرە تۈركىيەدىكى «خىتاي شەھەرچىسى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇش خەۋىرى خىتاينىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر قانچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر غەرب دۆلەتلىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە تارقالدى.

21‏-دېكابىر كۈنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار، بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيە گۇرۇھلار بىر قانچە شەھەردە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

مۇرات كولباشى «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ «دولاپدەرە ئىستانبۇلدىكى خىتاي شەھەرچىسىگە ئايلىنامدۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «دۇنيادىكى بىر قانچە شەھەردە خىتايلار ياشايدىغان خىتاي شەھەرچىلىرى بار. خىتايلارنىڭ ئىستانبۇلغا بولغان قىزىقىشى كۈچەيگەنسېرى بىز بۇ يەردىمۇ بۇنىڭغا شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن،» دېگەن.