خىتاي بېلىقچىلار شىمالىي كورىيەلىكلەردىن تاياق يېدى

يېقىندا شىمالىي كورىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي بېلىقچىلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، خىتاي كېمە ئىگىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئىككى ھەپتە جەريانىدا شىمالىي كورىيە ھەربىي فورمىسى كىيگەن بۇ قوراللىق كىشىلەر خىتاي كېمە كاپىتانىنى دائىم ئۇرغان ۋە كېمە يېقىلغۇسىنى ئېلىۋالغان.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچىلار تەلەپ قىلغان 100 مىڭ دوللار پۇل بېرىلمىگەن.

كېمە ئىگىسى يۈ شۆجۈننىڭ ئېيتىشىچە، كېمە 5 - ماي خىتاينىڭ سۇ تەۋەسىدە گۆرىگە ئېلىنغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى خىتايغا قايتىپ كەلمىگەن. نۆۋەتتە ئۇ كېمە كاپىتانى ۋە باشقا بېلىقچىلارنىڭ خىتاي قۇرۇقلۇقىغا ساق - سالامەت قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈندىكى باياناتىدا شىمالىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتايدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر گۆرۈگە ئالغۇچىلار شىمالىي كورىيە دائىرىلىرىگە چىتىشلىق بولماستىن، بەلكىم يولدىن چىققان چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرگەن.

يېقنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان سۇ تەۋەلىكى ئىختىلاپى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ نۆۋەتلىك گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار ياكى يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.