خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى قەشقەر شەھىرىدە «2023-يىللىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ يىغىنى» ۋە «‹شىنجاڭ ياخشى جاي› ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىن كۈنلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە ئىچكىرى خىتايدىكى شىركەتلەر بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان. بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بۇنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتى خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان «قەشقەرنى ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن كۆپ مىللەتلىك ئىناق ماكانغا ئايلاندۇرۇش» شوئارى بىلەن تەڭلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاۋۋال بۇ شەھەرنى ئۆزگەرتىش، ئاندىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش غەرىزىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلارنى «ساياھەت نۇقتىسى» شەكلىدە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە قەشقەرنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىدىكى مەركىزىي نۇقتىغا ئايلاندۇرۇشى ئۇلارنىڭ «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش»، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك شوئارلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ساياھەت قىلتىقى» ھەققىدە توختالغان سىياسىي ئانالىزچى ئېۋا شياۋ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ 24-ماي سانىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن بۇ جاينى «ساياھەتچىلىك بازىسى» شەكلىدە تەسۋىرلەپ، لاگېر ۋە باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.