ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلاشقان خىتاي شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدە تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئاۋسترالىيەدە يەر سېتىۋېلىپ، دېھقانچىلىق قىلماقچى بولغان خىتاي يېزا ئىگىلىك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئاۋسترالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە يەر سېتىۋېلىپ، پاختا ئىشلەپچىقارماقچى بولغان «شىنجاڭ يىكاڭ يېزا ئىگىلىك شىركىتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «مېڭە يۇيۇش» پروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغان ئىكەن.

«شىنجاڭ يىكاڭ يېزا ئىگىلىك شىركىتى» نىڭ تىجارىتى 2001‏-يىلى شايار ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق ئىدارىسىنىڭ ياغلىق خىمىيەۋى ئۆسۈملۈكلەر پونكىتىنى سېتىۋېلىش بىلەن باشلىنىپ، يېقىنقى 20 يىلدا رايوندىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي يېزا ئىگىلىك شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. ABC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى خۇ شاۋلۈن 2016‏-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي تېررىتورىيەسىدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانىنى سېتىۋالغان. ئۇ، مەزكۇر چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ 5000 گېكتار يېرىگە پاختا تېرىشنى پىلانلاپ سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي ئۇنىڭ پىلانى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خۇ شاۋلۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر يېزىغا ئەۋەتىلگەن خىزمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى يوقلىشىغا ئىشتىراك قىلغان، شۇنداقلا سىياسىي نۇتۇق سۆزلىگەن ئىكەن.

خەۋەردە، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ پائالىيەت خەلقنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە خۇ شاۋلۈننىڭ نوقۇل سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ قالمىغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى ئاتالمىش نامراتلىقنى ئازايتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغانلىقى، ھالبۇكى بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەردە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا گۇمان قوزغاپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت مۇخبىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.