تۈنۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاساسلىق خىتاي ۋە رۇسىيەگە تەۋە بولغان 16 شىركەت ۋە شەخسكە، شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرى پىلانىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېلان قىلغان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ مەزكۇر جازا قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ، ئامېرىكانىڭ ئۆز بېشىغا ئالغان بۇ قارارىغا ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئۇزاقتىن قول سوزۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈنۈگۈن ئېمبارگو قويۇلغان 16 شىركەت ۋە شەخسنىڭ ئىچىدە 6 خىتاي شىركىتى بار بولۇپ، بۇلاردىن 3 ئى شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىۋاتقانلار ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم جازالانغان بەزى خىتاي شىركەت باشلىقلىرى شىمالىي كورېيە بىلەن پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە سودا ۋە مۇلازىمەت قىلغان.
خىتاينىڭ ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان باياناتچى خۇا چۈنيىڭ ئەگەر ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ گۇمانلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى بايقالسا خىتاينىڭ بۇلارنى ئۆز قانۇن ۋە نىزاملىرى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە جازالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.