ئامېرىكا ئاكسىيە سودىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتى (SEC) 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى كۆرسەتمىسىدە، خىتاي شىركەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن باغلىنىشى بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان كۆرسەتمىدە، ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇم قىلىشى كېرەك بولغان سودا تۈرلىرى بىلدۈرۈلگەن؛ ئۇلار ئامېرىكانىڭ «چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇن-لايىھەسى» (HFCAA) گە بويسۇنغاندىن باشقا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) غا بويسۇنۇشى شەرت ئىكەن.
كۆرسەتمىدە مۇنداق دېيىلگەن: «2021-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› ئامېرىكادا رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى. بۇ قانۇن خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىمپورت قىلىنغان مالنى چەكلەيدۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، خىتاي شىركەتلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى مەلۇم قىلىشى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىشى كېرەك؛ بۇ تەسىرلەر مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدا تىجارەت قىلىشى ياكى ئۇ يەردىكى شىركەتلەرگە تايىنىپ قېلىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە زەربە بېرىش سەۋەبىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» .
ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانا مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەلۇم بىر خىتاي شىركىتىگە يوللىغان چۈشەندۈرۈش خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز سىلەرنىڭ بىر قىسىم تىجارىتىڭلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ياكى شىنجاڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان رىقابەتچىڭلارغا تايىنىپ قالغانلىقىڭلارغا دىققەت قىلدۇق. شىركىتىڭلارنىڭ تىجارەت بۆلۈمى، مەھسۇلاتى، مۇلازىمەت لىنىيەسى، مۇلازىمەت تۈرلىرى، تىجارەت شەكلى، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنىش قانۇنى› نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىڭلارنى بىزگە تەپسىلىي مەلۇم قىلىشىڭلارنى سورايمىز. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، شىركىتىڭلار ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ۋە توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىغا كىرەلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ئادەتتە ئەلى بابا، جىڭدۇڭ دېگەندەك چوڭ شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىجارەت دائىرىسى چوڭ بولغاچقا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.