ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەنە بەش شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 28-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش شېركىتىنى قارار تىزىملىككە كىرگۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كېرىيە، لوپ، قاراقاش، گۇمان، ئۈرۈمچى قاتارلىق ناھىيە شەھەرلىرىگە جايلاشقان بۇ بەش شىركەت خىتاينىڭ داڭلىق تېخنولوگىيە شىركىتى-خەيكاڭ گۇرۇھىنى ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ شىركەتلەرگە مەھسۇلات ئىشلەيدىغان نۇرغۇن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ چىقىلىپ، لاگېر ئىچى-سىرتىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى بۇ كارخانىلاردا ئىشلەتكەنىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن بۇ بەش شىركەت لوپ خەيشى دىڭشىن ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە شىركىتى، قاراقاش خەيشى ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە شىركىتى، گۇما خەيشى يوڭئەن ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە شىركىتى، ئۈرۈمچى خەيشى شىنئەن ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە شىركىتى ۋە كېرىيە ىەيشى مېيتيەن ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي تور بەتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، بۇ بەش شىركەتنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كامېرا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان خاڭجو خەيكاڭ دىگىتال تېخنولوگىيە گۇرۇھىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى بەش شىركەت «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ئېلىپ بېرىشىغا قاتناشقان» ئىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكى ئامېرىكانىڭ ساھىبخانلىقىدىكى 2-قېتىملىق «دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» 29-مارت ۋاشىنگتوندا باشلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان. 120 دەك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرى قاتناشقان بۇ يىغىنغا تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان، بىراق خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنمىغان.