ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى قوللىغان 4 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.04.11

ئامېرىكا خىتاينىڭ 4 شىركىتىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 11-ئاپرېل كۈنىدىكى باياناتىدىن قارىغاندا، بۇ 4 شىركەت ئامېرىكانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىمپورت قىلغان ئىكەن.

بۇ شىركەتلەر بېيجىڭ LINKZOL تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىئەن يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ئەنۋايس تېخنىكا شىركىتى ۋە تيەنجىن ستونخولىي شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئارمىيەسىنى سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى بىلەن تەمىنلەش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينىڭ باشقا ئىككى شىركىتىنى رۇسىيە ھەم ئىراننىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ھەم ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە ئالغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنى سودا قارا تىزىملىكىگە ئېلىپ، ئۇلارغا مال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەپ كەلمەكتە.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ بۇ سودا چەكلىمىسىنى ئەيىبلەپ، «خىتاي شىركەتلىرىگە قويۇلغان سودا قارا تىزىملىكى سىياسىتى ۋە باشقا جازالار بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى چەكلەش ۋە شىركەتلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئادەتتە سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنى ئاسانلىقچە تىزىملىكتىن ئۆچۈرمەيدىكەن ھەمدە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.