خىتاينىڭ خەلقئارادا «سەنس تايىم» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە» شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەنە بىر تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ قۇرغان شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋەتكەن.
«شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنى يۈز تونۇش تېخنىكاسى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇمشاق دېتال شىركىتى بولۇپ، مەزكۇر شىركەت 2017-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «لېئون» ناملىق ساندان ئانالىزى ۋە نازارەت تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، «تاڭلى تېخنىلوگىيەسى» ناملىق شىركەت قۇرغان. شاڭتا تېخنولوگىيە گۇرۇھى تاڭلى شىركىتىنىڭ 51 % پېيىنى كونترول قىلغان ئىدى.
لېكىن ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 15-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» يېقىندا «تاڭلى تېخنولوگىيە» شىركىتىنىڭ 51 % پاي چېكىنى «لېئون» شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن. خەۋەردە، «شاڭتاڭ شىركىتى» نىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلغان باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، باياناتتا «شاڭتاڭنىڭ ئۆز تەرەققىياتى» نى كۆزدە تۇتۇپ، شىركەتنىڭ 51% پاي چېكىنى ساتقانلىقى تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» نىڭ پېيىنى سېتىشىدىكى سەۋەب خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىشى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خەلقئارادا قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خەۋەردە، «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» نىڭ «لېئون» بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر رايونىدا شىركەت قۇرۇشى ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىۋاتقان خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىپ، 2 مىليوندەك كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشى، ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە بىر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇلغان ئىدى.
«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىپ چىققان تۇنجى خىتاي كارخانىسى ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتچىسى «شىركەتنىڭ لېئون بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىدى. شۇنىڭدەك شىنجاڭدا ھېچقانداق تىجارىتىمىز قالمىدى» دېگەن.