خىتاي شىركەتلىرىدىن ئۈچى ئامېرىكا ئېلان قىلغان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاليۇمىن ۋە ئاياغ كىيىملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ شىركەتنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە ئالغان. نۆۋەتتە بۇ ھال «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجە، دەپ قارالماقتا.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا «دوڭگۇەن بوستانلىق ئاياغ كىيىم شىركىتى»، «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» ۋە «شىنجاڭ شېنخو كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر شىركىتى» ئىكەن. 2024-يىلى 12-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) بۇلارنىڭ ھەرقانداق مەھسۇلاتىنى ئاپتوماتىك ھالدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق» دەپ قارايدىكەن ھەمدە ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتۈشىنى مەنئى قىلىدىكەن. ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتۈشىگە يول قويالمايمىز. بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى داۋاملىق ھالدا تەكشۈرىمىز» دېگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF) مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نى چەكلەشنى خىزمەت نىشانى قىلىدىكەن. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ «بىز بۈگۈنكى بۇ قارار ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىگە قارشى كونكرېت قەدەم ئېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدۇق» دېگەن.