ئامېرىكا 30 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن

ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە 30 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغانلار ئىچىدە يۇقىرىقى 30 خىتاي شىركىتىدىن باشقا يەنە بىر قانچە قايتا ساتقۇچى چەت ئەل شىركەتلىرى تورى ۋە غەربنىڭ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتايلارنى تېخنىكا جەھەتتىن مەشقلەندۈرگەن ئورۇنلارمۇ بار ئىكەن. مەسىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى خىتاينىڭ ئاۋاز تېزلىكىگە ئىگە قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىلىرىغا قايتا سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛ گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى بىر قىسىم ئۇچقۇچىلار خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشقا ئېلىنىپ، خىتاي ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئىكەن.

«قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغان شىركەت ۋە ئورۇنلار ئامېرىكانىڭ ئايرودىنامىكا تېخنىكىسى، ئاۋاز تېزلىكىدىكى قوراللار، ئىلغار ئوپتىكا تېخنىكىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ھەل قىلغۇچ مۇداپىئە تېخنىكىلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ساتقان. بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىدىن چەكلەيدىغان بۇ يېڭى تىزىملىك دەل ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاينى زىيارەت قىلىش ئالدىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ قاتتىق يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنىۋاتقان ئىدى.