خىتاينىڭ ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا قۇل ئەمگىكىدىن سەمرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى كۆپەيمەكتە. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۈچ شىركەتنىڭ «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» سېپىگە كىرگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
بۇ ئۈچ شىركەت ئىچىدىكى «شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى» خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ خىمىيەلىك مەھسۇلات ۋە پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى بولۇپ، 2017-يىل خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن 2000 نەپەر ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ بۇ گۇرۇھقا قاراشلىق كارخانىلاردا ئىشلەشكە ماڭدۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
«ياخۇ تورى» نىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جۇڭتەي گۇرۇھى 5000 ئادەمنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان.
ئىككىنچىسى «شىنجاڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھى» بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۆي-مۈلۈك، زېمىن سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان، 2017-يىلىلا «500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىغا كىرگەن. 2020-يىل گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالتە كارخانا ئۈچۈن خوتەن، كېرىيە ۋە لوپ ناھىيەلىرىدىن 700 ئىشچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئۈچىنچىسى، «تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش گۇرۇھى» بولۇپ، بۇ شىركەت ئۇيغۇر رايونىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىقتىساد تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىدىن نەپ ئۈندۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىل نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ بېرىپ، بىنا-قۇرۇلۇش سېلىش بىلەن پۇل تاپقان.
كۆرۈلگىنىدەك، يۇقىرىقى شىركەتلەر ئاساسەن قۇرۇلۇش ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۈرمە-لاگېر، مەكتەپ، سانائەت باغچىسى ۋە زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا قېتىلىش ھەمدە پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن ئوڭ تاناسىپ ھاسىل قىلغان.
