خىتاينىڭ خۇالىڭ سودا-سانائەت گۇرۇھى باي ناھىيەسىدە 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چوڭ كۆلەملىك چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرۇشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فېرما باي ناھىيەسىنىڭ 40 كىلومېتىر شەرقىي-جەنۇبىدىكى سايرام بازىرىدا قۇرۇلىدىكەن. قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى ئىكەن. «جوڭگو خەۋەرلىرى» ناملىق خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 3-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ئۈچۈن بىر تەنتەنە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىك» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ توغرا ئىكەنلىكى، بۇ سىياسەتنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. بۇ ئۇنىڭ لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى.
«جوڭگو خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىدە مەزكۇر فېرما ئىشقا كىرىشسە 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئەمگەك كۈچىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ فېرمىمۇ ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى «قۇل ئەمگېكى» گە سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇل ئەمگىكى» گە سېلىنىشىغا قارشى ئىككى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان. قانۇن لايىھەسىدە بۇنداق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن ئىدى.