ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيىتىنى چەكلىگەن

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى مەشغۇلاتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى سەۋەبلىك چەكلىگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى دۇنيادىكى بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادى كۈچنىڭ ئ‍ىختىلاپىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدىكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى 26-ئۆكتەبىر خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ 60 كۈن ئىچىدە ئامېرىكادىكى پائالىيىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى-س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى خىتاي تېلېفون شىركىتىنىڭ ئامېرىكادىكى تارماق شىركىتى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىلىنىشى، تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدا» ئىكەنلىكى، بۇ شىركەتنىڭ يەنە خىتايدەك «يېتەرلىك مۇستەقىل ئەدلىيە نازارەتچىلىكى بولمىغان بىر دۆلەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ شىركەتكە ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئەندىشىلىرىنى پەسەيتىش پۇرسىتى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەت بۇنى قىلمىغان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتنىڭ جامائەت مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر قىسمى. بۈگۈنكى ھەرىكەت دۆلەت ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يوشۇرۇن بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ» دېگەن. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تېلېفون شىركىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئالاقە سىستېمىسىغا ئېرىشىش پۇرسىتى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادا جاسۇسلۇق ۋە باشقا زىيانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشىغا زور خەۋپ ياراتقان.