ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ماركو رۇبىيو يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «قارام تىزىملىك» ئىگە چۈشكەن خىتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكا كاپىتال بازىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا مەبلەغ شىركەتلىرى ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ پايچېكىنى سېتىۋېلىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا «قارا تىزىملىك» تىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىدىكى پائالىيەتلىرى بىردەك مەنئىي قىلىنىدىكەن.
ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكا كاپىتال بازىرىدىكى تالان-تاراج قىلمىشىدىن باشقا يەنە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغىمۇ ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشىغا ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا بىۋاسىتە ھالدا زور ھەسسە قوشقان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىكەن.