خىتاينىڭ ئامېرىكاغا مەبلەغ سالماقچى بولغان توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيە شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قارا تىزىملىككە ئالغان بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى مەلۇم بولغان.
ئامېرىكا «كۈندىلىك تېلېفون» خەۋەر تورى 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ياسايدىغان گوشۈەن يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنىڭ بىر تارمىقى مىچىگان شتاتى بىلەن ئىللىنويىس شتاتىدا باتارېيە زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىغان. ھالبۇكى بۇ شىركەتنىڭ بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىركەت بىلەن شېرىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.
خىتاينىڭ «سوخۇ خەۋەرلىرى» تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، گوشۈەن تېخنىكا شىركىتى 2017-يىل 5-ئايدا شاڭخەي ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، «شاڭخەي ئېلېكتر-گوشۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرغان. بۇ شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بېرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەت بىڭتۇەن ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ باتارېيە-توك ساقلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇپ كەلگەن. بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيە 10-تۇەنى بۇ شىركەتنىڭ توك ساقلاشتىكى ئىلغار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن.
2020-يىل 7-ئايدا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىڭتۇەننى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قاراپ، ئىقتىسادىي چەكلىمە بىلەن جازالىغانىدى.