ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2-دېكابىر چارشەنبە كۈنى خىتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكا پېرېۋوت بازىرىدىن چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ «ئالىبابا» گۇرۇھى، «NIO» ۋە باشقا شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى ئامېرىكا پېرېۋوت بازىرىدا بازارغا سېلىشىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا پرېزىدېنت ترامپنىڭ قول قويۇشى بىلەن تېزلا قانۇنغا ئايلىنىدۇ، دەپ قارالماقتا.
«ۋال-سىترىت ژورنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەللەردە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كۈرەش ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن. قانۇن ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇپەتتىشلىرى ئۈچ يىل بويىچە ئامېرىكانىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەككەن. ئەگەر بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا پېرېۋوت بازىرىدىن چەكلىنىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: «خىتاي شىركەتلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا پايچىكلىرىدىن پۇل توپلىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇپەتتىشلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي قوغدىلىش ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلدى، مەسىلەن، خىتاي ئادەتتە ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىدى. بىراق، خىتاينىڭ ‹لۇككىن قەھۋە شىركىتى› قاتارلىق بىر قاتار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا بوغالتىرلىق سەتچىلىكىگە پېتىشى ئامېرىكا پاي بازىرىدا پۇل توپلاۋاتقان خىتاي شېركەتلىرىنى تەكشۈرۈش ھەقققىدىكى تونۇشنى ئۆستۈردى.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكا پاي بازىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش مەبلەغنىڭ زور دەرىجىدە يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ۋە ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلغان خىتاي شىركەتلىرى نيۇ-يوركقا يىغىلىۋېلىپ، خەلقئاراغا يۈزلىنىدىغان دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. خىتاينىڭ ھازىر خىتاي ئىچى ۋە خوڭكوڭنى بازا قىلغان 250 دىن ئارتۇق شىركىتى ئامېرىكا پېرېۋوت بازىرىدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىي بازار قىممىتى 2 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن.
«ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قانۇن ۋاشىنگىتوننى بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سۆھبەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ، دەپ باھالىغان.