18-ماي كۈنى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبىرى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە سودا ۋە سودا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ساياھەتكە تەشكىللەشكە كىرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماپ، مىليونلىغان كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ساياھەت پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈشكە كىرىشكەن ئىدى.
«تەڭرى تاغ» تورىنىڭ 22-ماي خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ «يۈز ئۆمەك مىڭ كىشىلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى» نى باشلىغان. تۇنجى تۈركۈمدە 36 كىشىلىك بىر خىتاي ساياھەت گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان. مەزكۇر ساياھەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت بىلەن بولغان مەدەنىيەت، ساياھەت ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساياھەت قىلىش تېخىمۇ قۇلايلىق ۋە ئوڭۇشلۇق بولىدۇ» دېگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت، ساياھەت نازارىتى 22-ماي كۈنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى، بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى پۇقرالارنى ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋاتقان، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىدى. قازاقىستاننىڭ يېقىندا خىتاي پاسپورتىغا ۋىزىنى بىكار قىلىشى قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، بەزى جايلاردا بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەنىدى.