ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاي-شىۋېتسارىيە مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىس ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش ھەركىتىگە قاتناشماسلققا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى تېخى ھازىرچە بۇ ھەقتە قارار ئالمىغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىىشچە، خىتاينىڭ شىۋېتسارىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ شىتىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر بۇ خىل ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىگە قوشۇلمايدۇ. ئەگەر شىۋېتسارىيە بۇ خىل ئىقتىسادىي جازاغا ئاۋاز قوشسا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى تۈپەيلىدىن خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي جازا (ئىمبارگو) قوللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، شىۋېتسارىيەنىڭ كۆپلىگەن سىياسىيونلىرى بۇ قارارغا ئاۋاز قوشۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىدە خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغاندا ئاۋاز قوشقاندەك ئاۋاز قوشۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دەۋەتلىرى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان بىرنەچچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ناۋادا بۇ خىل ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلىنسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق شىۋېتسارىيە بانكىلىرىغا ئامانەت قويۇلغان غايەت زور سوممىلىق بايلىقىمۇ توڭلىتىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.