«ۋال ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى: «خىتاي ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلەتكەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-01-04
Share

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تىبەت، تۇڭگان موڭغۇل، جۇاڭ ۋە خەينەندىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، بىرخىل «مىللىي كىملىك» كە ئۆزگەرتىش ئىكەن.

«خىتاي ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلەتتى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، خىتاي «مىللىي قوشۇلۇش» دەپ سۈرەتلەۋاتقان بۇ مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە رادىكال تۈس ئالغانلىقى، مەزكۇر رايوننىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغان يەرگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن ئىستراتېگىيەسىنى تىبەت، تۇڭگان، جۇاڭ، موڭغۇل ۋە خەينەندىكى ئۇتسۇللار، يەنى خىتايلار تەرىپىدىن «خۇيخۇي»، ياكى «خەينەن تۇڭگانلىرى» دەپ ئاتالغان مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتكىمۇ يۈرگۈزۈشكە كىرىشكەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تۇنجى قېتىم بىر خىتاينى تەيىنلىگەنلىكى، بۇنىڭ بىر سىگنال ئىكەنلىكى، بىراق ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەسى خەينەندە خۇيخۇيلارنىڭ، ئىچكى موڭغولدا موڭغۇللارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خەينەندىكى ئۇتسۇللار، يەنى خۇيخۇيلارنىڭ ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە بېرىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس دىلنۇر رەيھاننىڭ سۆز نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭ رەھبەلىكىدىكى خىتاينىڭ «يېڭى بىرخىل مۇستەملىكىچىلىك كىملىكى شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت