خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى جيا چىڭگو «خەلقئارا خەۋپسىزلىك تەتقىقاتى» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قارغۇلارچە «مۇتلەق دۆلەت بىخەتەرلىكى» نى قوغلىشىشىنىڭ ئۇنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك يىقىلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «مۇتلەق دۆلەت بىخەتەرلىكى» نى قوغلىشىش ئېغىر بەدەل تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ ماقالە شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت ئىچىدە يۇقۇرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق «مۇتلەق بىخەتەرلىك» بەرپا قىلىشنى قوغلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ دىققات قوزغىغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جيا چىڭگو مەقالىسىدە چېكى يوق بىخەتەرلىكنى قوغلىشىش «چىقىمنىڭ شىددەتلىك ئارتىشى ۋە پايدىسىنىڭ شىددەتلىك تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىقىمنىڭ پايدىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دىگەن: «بىخەتەرلىكنىڭ نىسبىيلىك خاراكتىرىگە سەل قاراش، ئۇنى قارغۇلارچە قوغلىشىش، دۆلەتنى مۇتلەق رەۋىشتە تېخىمۇ ئاز بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ كۆتۈرگۈسىز چىقىملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرمەيدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتىتېنىڭ مەزكۇر سابىق مۇدىرى، 22 بەتلىك ماقالىسىدە خىتاينىڭ بىختەرلىك سىياسىتىنى ۋاستىلىق تەنقىد قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيمۇ خىتاينىڭ «ئۇرۇشقا بۆرە» دىپلوماتىيەسىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. جىيا چىڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور مىقتاردىكى ھەربىي چىقىمى ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىختەرلىكى ئۈچۈن پايدىسىز ئامىلغا ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يۈك بولۇپ، ئاخىرىدا ھەربىي چىقىمىنى قامدىيالماس ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.