2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ سانى كۆپەيگەن

2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ سانى شىددەتلىك كۆپىيىپ 2013-يىلقىدىن 600% تىن ئارتۇقراق ئارتقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەمئىي 355 كادىر سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ئۇلاردىن 333 نەپەر كادىرغا سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي «قانۇن گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇتلەق كۆپ ئەمەلدارلار خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق بىلەن جازالانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە مۇتلەق كۆپ كادىرلارغا سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى جياڭ ياۋيوڭنىڭ «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭدىكى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسى پارىخورلۇق ئەمەس، سىياسىيلىق.»

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاتۇش شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇردى قاتارلىق 32 كىشىنى ھەج ئىشلىرىدا ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ بىر تەرەپ قىلغان.

لېكىن جياڭ ياۋيوڭ، ئەنۋەر تۇردى قاتارلىق 32 كىشىدىن باشقا «قالغان 300 كادىرنىڭ نېمە قىلغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار پارتىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان» دېگەن.