4-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاينىڭ «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس بۇ ھەقتە تور ئارقىلىق تەشۋىقات تەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى» بويىچە ئوخشىمايدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى قانات يايدۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوقۇم سىياسىي ئاڭ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكى، مەخپىيەتلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك مۇداپىيە لىنىيەسى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ئاممىدىن يوشۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچى ۋە چەتئەللەردە مىليونلىغان كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى ۋە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولدى، دەپ ئەيىبلەنمەكتە. خىتاي خەلق ئاممىسى ئارىسىدىمۇ نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئەكسىچە دۆلەت ئىچىدە ھەممە نەرسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى» نى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلاردا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى» دەرسى ئۆتۈش، كوچىلاردا تەشۋىقات نۇقتىسى تەسىس قىلىش، ئاممىۋى ئېلان تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى ئورگان، مەھەللە، مەكتەپ قاتارلىقلارغىچە كىرگۈزۈلىدىكەن.