ئانالىزچىلار: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەر-بازالاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن، مۇھىم نۇقتا يەنىلا ئۇيغۇر رايونى»

خىتاينىڭ سىرتقا قارىتا تەشۋىق قىلىدىغان «خەلق گېزىتى» نىڭ بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش ئىزدەيدىغان ئوقۇغۇچىلار 9 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، خىتايدىكى ئىشسىزلىققا يېڭى بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى تەدبىرى ئاساسىدا ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە باشقا تولۇقلىما ياردەم بېرىش ئارقىلىق بۇ كارخانىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزا-بازار ۋە كىچىك شەھەرلەرگە جايلاشقان بولۇپ، يېڭى ئەمگەك كۈچلىرى ئاساسەن يېزا-بازارلارغا تارقاقلاشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن 3 ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-بازارلاردا 2 مىليون 970 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ يىللىق نىشاننىڭ 27 پىرسەنتى ئورۇنلانغان. خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان «تەستىق رەسمىيىتىنى ئازايتىش، رەسمىيەت ھەققى ئالماسلىق، قەرز ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈش، قەرز ئۆسۈمىنى چۈشۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش» قاتارلىق بەش تەدبىرى ۋە بۇنىڭغا ئاجراتقان 1. 7 تىرىليون يۈەن پۇلى، شۇنداقلا 6 مىليون 800 مىڭ كارخانىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن 104 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تىرىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مەبلەغ ۋە سۇغۇرتا ياردىمى ئالغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناھىيە ۋە بىڭتۇەن مەيدانلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايلاردىكى تەبىئىي بايلىق، خام ئەشيا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خىتاي كارخانىلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ياراتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئىش ئىزدەپ يۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ جايلارغا كېلىپ ئىشلەشكە قىزىقتۇرۇلغان. ئۇيغۇر رايونى ھازىر خىتاي كارخانىلىرى ئەڭ كۆپ ئېتىۋارغا ئېرىشىدىغان ۋە پايدا تاپىدىغان رايونغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەلپ قىلىنغان خىتاي ئاققۇنلىرى ۋە ستۇدېنتلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش تېپىش ۋە ياشاش ماكانىغا ئايلانماقتا ئىكەن.