18-ئىيۇل كۈنى، ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى» نىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىگە، «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئورۋېللچە كېلەچەككە يۈزلەنمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ماقالە ئاپتورى كوننور دىللىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەزەلدىن ياخشى بولماي كەلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنى كەمسىتىش سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نارازىلىق بىلەن بىرگە بۆلگۈنچىلىك ئارزۇلىرىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001 -يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرنىڭ بۇ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئاپتور يەنە، ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار باشلىق باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە «تېررورلۇق تەھدىتىنى يوقىتىش» دېگەن نام ئاستىدا ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلغانلىقىنى، تىبەتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئارقىلىق رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ۋە قامالنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇسۇلمان خەلققە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىككى روشەن ئېلېمېنتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىرى، بېسىم خاراكتېرلىك ۋە كەڭ ئومۇملاشقان نازارەت ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى ئىشقا سېلىش. يەنە بىرى، بىر جەمئىيەتنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە مېڭە يۇيۇش قۇرۇلۇشىنى كەسىپلەشتۈرۈش ياكى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى سىياسىي كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى بارلىق تېخنىكا ئامىللىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولسا، «بىخەتەر ئەمەس» دەپ قارالغان كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۇ يەردە كومپارتىيە ئىدىيەلىرى بىلەن تەربىيەلەش ئارقىلىق قايتا قۇرۇپ چىقىشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.
ئۇ ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، مەدەنىيىتى، تىل ۋە دىنىدىن ئايرىپ، ‹ئورۋېللىيان دۆلىتى› دەپ ئاتىلىدىغان سىستېمىنىڭ ئۇقۇملىرىدىن بىرى بولغان گۇرۇپپا بويىچە ئويلاش، يەنى ھېچكىم ئۆز ئالدىغا پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان، قارار چىقىرالمايدىغان بىر ۋەزىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرماقچى» دېگەن.