د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت: «جاڭ چۈنشيەننىڭ چۆچەك، بورتالا چېگرا زىيارىتى ۋەزىيەت ئەنسىرىشىنىڭ ئىپادىسى»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ 31-ئىيۇل ۋە 1-ئاۋغۇستتىكى چۆچەك، بورتالا چېگرا زىيارىتىنىڭ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت 2-ئاۋغۇست رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ئەمەلدارى جاڭ چۈنشيەن ئىككى كۈندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان چۆچەكنىڭ باقتۇ چېگرا ئېغىزى ۋە بورتالادىكى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدا چېگرا ساقلىغۇچى ئەسكەرلەر ۋە قوراللىق ساقچىلاردىن ھەرقانداق شارائىتتا ئىرادىسى مۇستەھكەم ھالدا دۆلەت چېگراسىنى قوغداپ، رايون مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە چۆچەك شەھىرىدىكى زىيارىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەنلىكى مەلۇم بولدى. جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ 29-ئىيۇل ئۇيغۇر دائىرىلىرى ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى› نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغايدۇ. مېنىڭچە بۇ قېتىمقى زىيارەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 2-ئاۋغۇست كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، جاڭ چۈنشيەن چۆچەك ۋە بورتالادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىدە چېگرا قاراۋۇللىرى، قوراللىق ساقچىلاردىن ۋە چۆچەكتىكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئۆز قورۇسىدا چىقىرىش بىلەن تونۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى سادىقجان قاتارلىقلاردىن ئالاھىدە ھال سورىغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، جاڭ چۈنشيەن 1962-يىلىدىكى ئىلى، چۆچەك خەلقىنىڭ ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىقلارغا قېچىش ۋەقەسىدىن كېيىن قۇرۇلغان خىتاي چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلغىنىدا ئۇلاردىن «چوڭ شامالدا تەۋرەنمەسلىك، مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ھىيلىسىگە ئالدانماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.