بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى روسېين رىف تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى، جۈملىدىن ھەج مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشىنىمۇ قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ «دۇنيادىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ھەجىگە تەييارلىنىۋاتقاندا، خىتايدىن ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورنىغا تۈرمىگە بارىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي دائىرىلىرى 200 دەك ئۇيغۇرنى ئۆز ئالدىغا سەپەرگە چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالدى. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن چەكلەپ كەلمەكتە» دەپ يازغان.
بىراق، تەتقىقاتچى روسېيىن ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ، «دىنىي ئەركىنلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان تەقدىردە، رايوندىكى زىددىيەت ئەكسىچە تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش، چەكلەش ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بارلىق قانۇن-تۈزۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.