د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە چاقىردى

د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىنى باشقا ياققا بۇرىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىق سەۋەبىنى تېپىش چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېقىندا قىلغان سۆزىگە قارىتىپ ئېيتقان. جاڭ چۈنشيەن 15‏-دېكابىر چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، مۇقىملىق ھەققىدە توختىلىپ، «يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىدە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا ۋە رەھىم-شەپقەت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ» دېگەن.

جاڭ چۈنشيەن يەنە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئالاقە ۋە سىڭىپ كىرىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى تەكىتلىگەن. لېكىن دىلشات رىشىت، پەقەت باستۇرۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىماسلىقنى ئەسكەرتىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسىنى تېررورلۇققا باغلاش ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قاچقانلىق» دېگەن.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق مەسىلىسى يوق. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى بىر باھانىسى.» بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ش ت ئى ھ نىڭ جىددىي تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانى ئۇنىڭغا قارشى ھەمكارلىققا چاقىرىپ كەلگەن.