خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.12.28

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەمدە زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ 2020-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلغان «چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرى» نىڭ غايەت زور ئۈنۈم ۋە سالماق تەرەققياتقا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» ئاساسىدىكى «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى» غايەت زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن. خىتاي تارىخشۇناسى شۈ جيەنيىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلگەن زور ئۇتۇق. بىز بۇ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىگە تەدبىقلىشىمىز لازىم،» دېگەن.

خەۋەردە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىممۇ «ئۆتكەن ئۈچ يىل توققۇز ئايدا شىنجاڭدا ھېچقانداق تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. دېمەك، بىزنىڭ ئەسەبىيلىكنىڭ ۋە تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق يارىتالىدى،» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. شۇنىڭدەك ئ‍ۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشتە ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشتە يېڭى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئوبدان ساقلىنىۋاتقانلىقى، ئارخېئولوگىيەدە زور «بايقاش» لارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ يەكۈنلەرنى كەسكىن رەت قىلىپ: «مىليونلارچە ئادەمنى لاگېرغا قامىۋېلىپ، ئارقىدىنلا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، دەپ لاپ ئۇرۇش ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق» دېيىشمەكتە. يەنە بەزىلەر بولسا ئۇيغۇر ياشلىرىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە زورلاشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى خىتايچە ئېيتىشقا مەجبۇرلىنىشنىڭ مىللىي مەدەنىيەتتىكى «تەرەققىيات» ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.